ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلەمدۇ ؟
2006.08.03
ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا توي قىلىش، ھامىلدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ ، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى خىزمەتتىن بوشىتىۋىشنى مەنئىي قىلىش ھەققىدە قارار چىقاردى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئاياللارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھوقۇقلىرى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىسا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھوقۇقى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارغا ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەتتا 8 ئايلىق ھامىلىلەرمۇ پىلانسىز دەپ ھېسابلانسا قوساقتىن ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىپ تاشلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەزكۈر قارارنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ، خىتايدا ئاياللارغا بېرىلگەن ھوقۇق شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسسىتىگە كۆرسەتكەن بېسىمىدىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا شۇنداقلا مەزكۈر قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا .
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئاياللارغا بېرىلگەن بۇ بىرقانچە ئىمتىياز، چەتئەللەردە ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋىسترالىيە ئۈرۈمچىدە پىلانلىق تۇغۇت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىمەكتە
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئىلى ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى رايون
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى ئۈچۈن يىلىغان 6 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىكەن