ئۈرۈمچى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى توختاشقا مەجبۇر بولغان

23 - نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەڭرى تاغ ئەتىراپىدا پەيدا بولغان تۇمان تەسىرىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدا يىراقنى كۆرۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ، 100 مېتىر يىراقلىقنى كۆرۈش قېيىنغا توختىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇمان تەسىرىدىن، 23 - نويابىر كۈنى ئۇچۇشقا تېگىشلىك ئايروپىلانلار، تۇمانلىق ھاۋانىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ سەۋەبلىك يولۇچىلار بېلەت قايتۇرۇش ۋە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە مەجبۇرىي بولغان.

ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەڭرى تېغىدىكى قارنىڭ تەسىرىدىن، تۇمانلىق ھاۋا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىر قانچە كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. (ئەقىدە)