دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ئايروپىلان ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
2008.03.10
يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئايروپىلاننى پارتلىتىش ئارقىلىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا "تېررورچى" دېگەن قارىنى چاپلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم "بۇ پۈتۈنلەي يالغان. بارلىق قارىلاشلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما" دېدى.
رابىيە قادىر خانىم فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: "ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقى باشقىلارغا زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. بىزنىڭ دىلىمىز بەك يۇمشاق" دېدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلا نىشانى بار، ئۇ بولسىمۇ، تېررورچىلىق ئويۇنىنى ياساپ چىقىپ، ئۆزى تېررورلۇق ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويۇش" دەيدۇ.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاقساراي بىلەن كۆرۈشۈپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن.
يۇقىرىقى خەۋەر توغرىسىدا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى چىقىرىش ئارقىلىق ئولىمپىكنى ۋەيران قىلماقچى بولدى دەپ ئەيىبلىشىدە، بىر يوشۇرۇن سىياسىي مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى، بېيجىڭ ئولىمپىكى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان نازۇك پەيتلەردە، ئۇلارنىڭ شۇنداق بىر سەزگۈر تېمىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا يالغۇز قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە زەربە بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلى رەئىسى نۇر بەكرى ئاخبارات ساھەسىگە 7 - مارت كۈنى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك ئايروپىلان لەنجۇدا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، گۇماندارنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇر بەكرى، " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنى ئەيىبلىدى
- خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 2008 - يىل ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتتى
- ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ئىسلاندىيە ناخشا چولپىنى شاڭخەيدە تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىدى
- دۇنيا تىك-تاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە كوسوۋانىڭ بايرىقى لەپىلدەيدۇ
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈردى
- ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
- 10 يىل بۇرۇنقى "تېررورىست" بۈگۈن باش مىنىستىر
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە