چىڭ گاڭ رابىيە قادىرنىڭ " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" ھەققىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى


2008.03.11

دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ئايرۇپىلاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەر تۇغدۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بېرىپ": خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرۇپىلان پارتلىتىش ۋەقەسى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورچىلىققا باغلاشقا ئۇرۇنماقتا " دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

رويتېرئىس ئاگېنتلىقىنىڭ 11 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ مەزكۈر ۋەقە ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، رابىيە قادىرنىڭ يۇقۇرقى باياناتىغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، ئۇ " رابىيە قادىرغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرغا قارشى ھەرىكەت دەپ كۆرسىتىپ بۇ جەرياندا خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق شەكىللەندۈرمەكچى. رابىيە قادىر كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت ئاز ساندىكى تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ " دېگەن.

ئەمما، چىڭ گاڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن7 - مارت تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان CZ6091 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىدا پارتلىتىش ۋەقەسى تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ دېتاللىرى توغرىسىدا يەنىلا ئىنچىكە توختالمىغان.

شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىغاندا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بولسا ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى ھەم ۋەقەنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن باغلاپ، " بەزىلەر ئۆلە -تىرىلىشىغا قارىماي ئولىمپىك يىغىنىنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكەت، دەپ مۇقىملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە مەزكۈر ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فەلىم كىن، " بىزنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاش ئېھتىمالى شۇنداقلا ئولىمپىك ھارپىسىدا ئوخشىمىغان پىكىردە بولغۇچىلارنى يوقىتىش خەۋپىدۇر " دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.