خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى دەپ ئىغۋا ئىجاد قىلغانلىقىدىن تېنىۋالدى


2008.03.12

جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان 'سكوپىكال نيۇس' سكوپىكال نەۋس گېزىتى بۈگۈن، دۇنيادا بولۇۋاتقان يېڭى ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنىڭ ئايرۇپىلان پارتلىتىش ھۇجۇمى ھەققىدە 'ئۆزى ئىجاد قىلغان' ئىغۋادىن تېنىۋالدى، دەپ بايان قىلدى. بۇ ئوبزورنىڭ يېنىغا خۇ جىنتاۋنىڭ قول پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت بىلدۈرۈۋاتقان فوتو سۈرىتى بېسىلغان.

بۇ ئوبزوردا "بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 150 كۈن قالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئايرۇپىلان پارتلىتىش ۋەقەسى' دېگەن بىر ۋەقەنى ئېلان قىلدى، ۋەقەدىن كېيىن بولسا، ئۇ بىر قېتىملىق تەھدىت بولغان ئىدى، ئەمما ئۇنداق ئايرۇپىلان پارتلىتىش ۋەقەسى' يۈز بەرمىگەن، پەقەت ئايرۇپىلاندا چەتئەلدە ئىشلەنگەن سۇيۇقلۇق بايقالغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ ئايرۇپىلان خادىملىرى پەقەت جىددىيلەشمىدى، ئايرۇپىلان يەنىلا بېيجىڭغا بىخەتەر يېتىپ كەلدى. بۇ ۋەقە ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھاۋا قاتنىشىمىز بىخەتەر، يەرلىك ۋە چەتئەللىك يولۇچىلارنىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز، دېيىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئۆزى ئىغۋا توقۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا سۈيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىدىن تېنىۋالدى" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.