"ئايروپىلان ۋەقەسى" ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى


2008.03.20

رويېتىرس ئاگېنتلىقى 20 ‏ - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە 7 ‏ - مارت كۈنى يۈز بەرگەن "ئايروپىلان ۋەقەسى " ھەققىدە يەنە بىر قاتار يېڭى مەلۇماتلارنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقە گۇماندارلىرى ئايروپىلانغا پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پاسپورتى بىلەن چىققان. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قايسى دۆلەتنىڭ پاسپورتى قوللىنىلغانلىقى خەۋەردە بىلدۈرۈلمىگەن.

رويتېرىسنىڭ، خىتاينىڭ مەلۇم بىر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋەقە گۇماندارى 3 نەپەر بولۇپ، بىر ئەر ۋە ئايال گۇماندار پاكىستان پاسپورتى بىلەن ئايروپىلانغا چىققان، 19 ياشلىق ئايال گۇماندار، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، ئالاھىدە يولۇچىلار ئىشىكىدىن بېنزىن قاچىلانغان قۇتىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن.

رويېتىرس، ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ۋەقە گۇماندارلىرىدىن 19 ياشلىق قىزنىڭ پاكىستاندا تەلىم ئالغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا كىملىكىكە ساھىپ گۇماندارنىڭ 30 ياشلاردا ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنى پىلانلىغۇچى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ بولسا، پاكىستان پاسپورتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى چەتئەل پاسپورتلىرىنىڭ ساختا ياكى قانۇنسىز يول بىلەن ئېلىنغان پاسپورت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان. مۇخبىر ئۇلارنىڭ ئىسىم - پامىلىسى قاتارلىق باشقا ئۇچۇرلارنى سورىغىنىدا، يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى بەرگەن كىشى، " بۇلار سەزگۈر ئۇچۇرلار" دەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت مەلۇماتلارنىڭ مۇنداق پارچە - پارچە ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاشكارىلىنىشى، كۆزەتكۈچىلەرنى ئويلاندۇرماقتا. ۋاڭ لېچۇەن چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا، ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىش مەقسىتى، پىلانى ۋە ھەرىكەت جەريانىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.