خىتاي،"گۈزەلنۇر ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى،" دېدى


2008.03.27

خىتاي ھۆكۈمىتى، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتاي يولوچى ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈزەلنۇر تۇردى، خىتاي ساقچىلىرىغا، 7‏ - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچى ئايروپىلانىدا، ئالدىن پىلانلانغان بىر تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي يولوچى ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى جاكارلاپ، لېكىن بۇ ئايروپىلان پارتلىتىش پىلانى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، چەتئەللەردە پائالىيەت بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا گۇمان قوزغىغان.

ھەتتا، بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر ئويۇنى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئويۇنىدا غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېپىلماس پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولاتتى، دېيشمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.