خىتاي،"گۈزەلنۇر ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى،" دېدى
-
2008-03-27 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتى، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتاي يولوچى ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈزەلنۇر تۇردى، خىتاي ساقچىلىرىغا، 7 - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچى ئايروپىلانىدا، ئالدىن پىلانلانغان بىر تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي يولوچى ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى جاكارلاپ، لېكىن بۇ ئايروپىلان پارتلىتىش پىلانى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، چەتئەللەردە پائالىيەت بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا گۇمان قوزغىغان.
ھەتتا، بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر ئويۇنى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئويۇنىدا غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېپىلماس پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولاتتى، دېيشمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپاندا پوجاڭزا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 25 ئادەم قازا قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ' تېررورچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى،' دەپ مۇكاپات بەردى
- ج خ تارماقلىرى ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان
- "ئايروپىلان ۋەقەسى" ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى پارتلىتىش، دەپ ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى دەپ ئىغۋا ئىجاد قىلغانلىقىدىن تېنىۋالدى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " ئايروپىلان ۋەقەسى" توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
- قازاقىستان كېڭەش پالاتا رەئىسى توقايىف ئۈرۈمچىدە قازاق تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى