خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى نارىن ۋەقەسىگە چاتتى
2005.09.06
سەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى 160 پۇقرانى ئۆلتۈرۈش، 260 قېتىم ۋەقە سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىنى جاۋ يوڭچىن، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا 2003 - يىلى 4 - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ نارېن رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جاۋنىڭ سۆزىنى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە باھانە تېپىش تىرىشچانلىقى، دەپ باھا بەرمەكتە.
جاۋ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى" يالغۇز جوڭگوغىلا ئەمەس، پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت،" دەيدۇ. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە زەھەر تاشلاش ۋە پارتلىتىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئەمما، مەركىزى نيۇ - يوركتىكى جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نىكولاس بېكيۇلىن، خىتاي دائىرىلىرىنى "ئۇلار شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى زور ۋە جىددى يوسۇندا دەپسەندە قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش يولىنى تۇتماقتا،" دەپ ئەيىبلىگەن. بېكيۇلىننىڭ تەكىتلىشىچە، " ھۆكۈمەت تېررورىزىمنى باھانە قىلىش ياكى گۇمان قوزغاش ئارقىلق چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت - نەزىرىنى بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن يىراقلاشتۇرۇشنى ئويلايدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىدە تەييارلىق توپچىلار پولكىنى قۇردى