باغراش كۆلىدىكى يەرلىك بېلىقلار يوقۇلۇشقا يۈزلەنمەكتە

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغراش كۆلىگە قويۇپ بېرىلگەن ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ بېلىقلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكتىن، ھازىر بۇ يەردىكى يەرلىك بېلىقلار يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

" شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، 80 - يىللاردا باغراش كۆلىگە ئىچكىرىنىڭ " ۋۇداۋخېي" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بېلىقى ئەكىرىلگەن بولۇپ، بۇ بېلىق ناھايىتى ۋەھشى ۋە گۆشخور بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكتىن بۇ يەردىكى يەرلىك بېلىقلارنى يەپ، ئۇلارنى سان جەھەتتىن ناھايىتى ئاز قويغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، باغراش كۆلىدىكى يەرلىك بېلىقلارنىڭ يۇقىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار، ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇشى ۋە كۆلگە يات نەسىلدىكى بېلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قويغانلىقتىن ئىكەن.

باغراش كۆلىدە ئەسلى لوخا بېلىقىنى ئاساس قىلغان كۆپ خىلدىكى يەرلىك بېلىقلار ياشايدىغان بولۇپ، بۇلار سۇ ھايۋانلىرى تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (پەرىدە)