باغراش كۆلىدە بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلماقتا


2007.12.04

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا كورلىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولغان باغراش كۆلىدە بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

باغراش كۆلىنىڭ بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئەزەلدىن داڭلىق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىش ئۈچۈن 10 يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم مەبلەغ سالغان ئىدى. نۆۋەتتە باغراشتىن يىلىغا 6000 توننا بېلىق چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە قىممەتلىك بېلىق تۈرلىرىلا 2500 توننىنى ئىگىلەيدىكەن. باغراشنىڭ بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يەنە ئالتە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، قىرغاقتىكى 235 مېتىر قۇرۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە ئىشخانا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى تەل بولغان بېلىقچىلىق پورتىنى ياساپ چىقىشقا تۇتۇش قىلغان.

ئەگەر يېقىن ئارىدا بېلىقچىلىق پورتى ئىشقا كىرىشسە، 150تىن ئارتۇق بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا توختىتىشقا ھەمدە ئۇلارنىڭ بېلىق قاچىلاش، چۈشۈرۈش ھەمدە تىجارىتىنى سىستېمىلىق باشقۇرۇشقا بولىدىكەن.

باغراش كۆلى خىتاي بويىچىمۇ بەش چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىچكى دېڭىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باغراشنىڭ ئىگىلىگەن مەيدانى ھازىرقى خوڭكوڭ بىلەن باراۋەر كېلىدۇ.نۆۋەتتە باغراش كۆلىنىڭ بېلىقچىلىق ساھەسىنى پۈتۈنلەي خىتايلار ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلار ئىگىلىگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى بېلىقچىلىق بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلار بولسا،باغراش كۆلى قىرغاقلىرىدىكى يېزىلاردىن يىراققا تارقاقلاشتۇرۇلماقتا شۇنداقلا يەرلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بېلىق تۇتۇشىغا يول قويمايدىغان تۈرلۈك قانۇن‏- نىزاملار تۈزۈلگەن بولۇپ ئەگەر خىلاپلىق قىلىنسا ئېغىر جەرىمانە ئېلىنىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.