خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
2005.08.31
خىتاي دائىرىلىرى 29 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىچۈئەن شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېررورچىلىققا قارشى ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 700 مىليون يۇئەن خىراجەت ئاجراتقان بۇ مەركەزدە، خىتاي ساقچىلىرى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساقچى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە، تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق چېنىقىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يەردە يەنە، "تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكال" تېمىلىرىدا ئۆگىتىش ۋە تەتقىقات كۇرسلىرى ئېچىلىدىكەن.
6 مىڭ مو كېلىدىغان قاقاسلىق يەرگە قۇرۇلغان بۇ مەركەزدە يەنە بىر قانچە يىللاردىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قونۇش ئورنى، ئەمەلىي جەڭ مەشق رايونى، يىنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللار ئارقىلىق قارىغا ئېتىش مەيدانى قاتارلىق زامانىۋىي مەشق بازىلىرى قۇرۇلماقچى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ بۇ خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەر خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن باغلاپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىدە تەييارلىق توپچىلار پولكىنى قۇردى
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىنى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش رايونىغا ئايلاندۇرماقچى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى
- خىتاي، تەكلىماكان چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ياسىماقچى