خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بىر قىسىم چېگرا ئېغىزلىرى تاقالغان.
شىنخۇئانىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزى سەككىز كۈن، دولات، باقتۇ،قورغاس ئېغىزلىرى توققۇز كۈن تاقالغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئەركەشتام ئېغىزى توققۇز كۈن تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋەردە باشقا ئېغىزلارنىڭ تاقالغانلىق ياكى تاقالمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاينىڭ باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېلىشى، باھار بايرىمى ئۆتكۈزمەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنىڭ سودا مەنپەئەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 4 - ئاينىڭ 1 - كۇنىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ سودا قىلىشىنى چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلىدۇ، ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، بۇ قانۇن قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا دۆلەت سودىگەرلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور دەرىجىدە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)