ئاۋسترالىيە گېزىتلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2007.06.27
خىتايدا يېقىندا، مىڭلىغان بالىلارنىڭ كۆمۈر كان ياكى خىش زاۋۇتلىرىدا قۇل قىلىنغانلىقىنىڭ پاكىتلىرى پاش بولغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنغانلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار پاش قىلىنىشقا باشلىدى. ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان NSW خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرى روۋان كاللىكنىڭ 27 - ئىيون كۈنى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆز يۇرتىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن 4000 نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە 'جىنايەت ماھىرلىرى' تەرىپىدىن يانچۇقچىلىققا ئۆگىتىلگەن.
11 ياشلىق بىر بالىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، قايناپ تۇرغان سۇدىن يارماق سۈزۈشنى مەشق قىلدۇرۇلۇپ يانچۇقچىلىققا ئۆگىتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قارا گۇرۇھلارغا 1000 يۇەندىن سېتىۋىتىلگەن.
خوجايىنلار بۇ بالىلارنىڭ ئوغۇللىرىنى زەھەرلىك چېكىملىككە، قىزلىرىنى شەھۋانىيلىققا مەجبۇرلىغان. ئادەتتە ئۇلار ھەر كۈنى 100 يۇەندىن 350 يۇەنگىچە پۇل ئوغرىلاپ كەلمىسە، خوجايىننىڭ قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ% 13 ئۇيغۇر بالىلىرى.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 1949 - يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭدا ھىندى-ياۋروپا ئېرقىغا مەنسۇپ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار، نوپۇسنىڭ % 90 نى تەشكىل قىلاتتى. ھازىر نوپۇسنىڭ % 45 نى تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرى ئوغرىلاپ كېتىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىچكى ئۆلكىلەردە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 4000 دىن ئارتۇق. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە
- خىتايدىن قېچىپ كەلگەن كىچىك پەرھات ئانىسى بىلەن تېپىشتى
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- تېكەس ناھىيىسىدىن قازاق ياشلىرى چىڭداۋغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلدى
- ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "2007 - يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى