قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا


2005.09.28

تەتقىقاتچىلار قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇپ يوقىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئەنگىلىيە ب ب د رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆتىنچى چوڭ كۆل ھىسابلانغان بالقاش كۆلىنىڭ سۈيى ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەن.

خەۋەرنىڭ مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قىسمەن جەھەتتىن نورمال بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بالقاش كۆلىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىلى دەرياسى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دەريا سۈيىنى تارماق ئېقىنلارغا ئېقىتىپ، بالقاش كۆلىگە قويۇلىشىنى توسىماقتا.

قازاقىستاندىكى مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ رايوننىڭ ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ خىتايغىمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

يەرلىك بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېكېلوگىيىلىك خەۋپى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئېكىلوگىيىلىك ئاپەتتىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەگەر خىتاي ئېلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى داۋاملىق باشقا تارماق ئېقىنلارغا ئايرىۋالسا، ئۇ ھالدا بالقاش كۆلى رايونىنىڭ كېلىماتى تەسىرگە ئۇچراپ، بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ رايوندا ياشايدىغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە سىرتقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، چوڭ بىر ئاپەت كېلىپ چىقىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.