"بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00
barin-150.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان "بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى" ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

"بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى" ناملىق بۇ كىتاب جەمئىي 220 بەت بولۇپ، بارىن ۋەقەسى ھەققىدىكى 22 ماقالە كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن ھەزرەت، ئابدۇرېھىم راخمان، ئورخۇن ئوغلى، نىزامىدىن ھۈسەيىن قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ بارىن ئىنقىلابى ھەققىدىكى ماقالىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابنىڭ نېمە سەۋەبتىن نەشر قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنياغا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ۋە كىتابنى نەشرگە تەييارلىغۇچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.