ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن


2004.12.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن چارشەنبە كۈنى ئاياقلاشقان ئەدىلىيە- قانۇن ئىشلىرى خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن يىغىندا، قانۇن ۋە ئەدىلىيە خادىملىرىدىن خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى يۇمشىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، "ئۈچ خىل كۈچلەر" لەرگە ئاكتىپ زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان باستۇرۇش ۋە ئالدىن كونترول قىلىشتىن ئىبارەت يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى بوشاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، پۇقرالار بىلەن ئەدىلىيە - قانۇن ئورگانلىرى ئارىسىدا زىددىيەت كۈچىيىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان . بۇنىڭ بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىلىرىنى پۇقرالارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈئەننىڭ " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى سۆزى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. باش شىتابى ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش» بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكال" دىگەن ئۇقۇمىغا ھىچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنى، بۇ كاتىگورىيىگە كىرگۈزۈپ باستۇرالايدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ سۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشنى تېخىمۇكۈچەيتىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت