خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لوگەن چارشەنبە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى ۋە ئەدىلىيە خادىملىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.
لوگەن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يىتەكچىلىك قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى.
لوگەن ئۈرۈمچىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە قانۇن- ئەدىلىيە خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ يەنە "قوراللىق ساقچى ئەمەلدارلار چوقۇم داۋاملىق تۈردە تويۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت قىلىشى كېرەك" دېدى.
لوگەن شۇنداقلا يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن " مىللىي بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تۇرۇشتا "كاللىنى ئوچۇق تۇتۇش" نى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى "تېررورچى" ۋە "مىللىي بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلەيدۇ.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ " خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)