خىتاي قانۇن تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرماقتا


2007.01.23

خىتاينىڭ ئاپتونوم رايوندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىككى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچ" گە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، "ئۈچ خىل كۈچ" لەر ئىزچىل تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شۇنىڭدەك چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ رايونغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن. شۇڭا " ئۈچ خىل كۈچ" نى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سېلىۋاتقان چاشقان ھېسابلاپ، ھەممە ئادەم بىرلىكتە ئۇرۇپ يوقىتىش، دۆلەت ئەدلىيە سېستىمىلىرى بولسا قاتتىق زەربە بېرىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ھەرىكەت قىلالمايدىغان، ھايات تۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەتبۇئاتلىرىدا شىنجاڭ مۇقىم، ھەر مىللەت خەلقى تەڭ باراۋەر ئىتتىپاق ياشىماقتا، رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتقان چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ سانى كۈندىن ‏- كۈنگە كۆپەيمەكتە دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت " ۋاڭ لېچۇئەننىڭ خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى بۇراش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردا ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش باھانىسىدا ھەدەپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى " نى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.