ئاتاقلىق يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچى ۋەكىللىرىدىن بىرى باتۇر روزى ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەبنەم تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچى ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان باتۇر روزى يۇرەك كېسىلى بىلەن 2007 - يىلى 27 -مارت ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شائىر تۇيۇقسىز يۇرەك كېسىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىدىكى 10 - يول ئاپتوبۇس بېكىتىدە يېتىپ قالغان بولسىمۇ، يولۇچىلار قارىماي ئۆتۈپ كېتىشكەن. كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە قۇتقۇزۇش ماشىنسى چاقىرىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئاللا قاچان كۆز يۇمغان ئىكەن.
باتۇر روزى 1966- يىلى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى چولپان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھوسۇللۇق شائىر. ئۇنىڭ "پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر"، "زەلىلى"، "ئابدۇقادىر داموللام"، "شاھ مەشرەپ"، قاتارلىق پوۋېست، رومانلىرى ۋە "باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم" ناملىق ماقالىلار توپلىمى كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەشھۇر كومپوزىتور ۋە مۇزىكانت خارىس ئاشىروپ ۋاپات بولدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 10 ئادەم ئۆلدى
- كۈيتۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى
- ئاقسۇدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆلدى