مەرھۇم ئەدىپ باتۇر روزىنىڭ نەزىرى بېرىلدى


2007-04-01
Share

ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى، سەرگەردانلىق، مۇساپىرلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلەر ھەم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلار بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆپلىگەن شېئىر، ئوبزور ھەم باشقا ئەسەرلىرى ئارقىلىق قەلەمكەش دوستلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت دەۋرى بىلەن ئېلىشقان كىلاسسىك شائىر شاھ مەشرەپكە ئوخشىتىلغان مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ يەتتە نەزىرىسى يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ يۇرتى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسى، چىمدۇ كەنتىدە بېرىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، باتۇر روزى 3-ئاينىڭ 27-كۇنى ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن 41 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن 28- مارت كۈنى ئۆز يېزىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى زور ساندىكى ھەر ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، يەتتە نەزىرىسى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈس ئالغان.

ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغان ئەدىبنىڭ نەزىرىسىگە يەكەن تەۋەسىدىن باشقا يەنە قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن شۇنىڭدەك باشقا قوشنا ناھىيىلەردىن كەلگەن تەخمىنەن بىرەر قانچە يۈز ئەتراپىدا ئادەم قاتنىشىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى، مەدەنىيىتى يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلغان مەرھۇم يازغۇچىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى قەلەمكەشلەر باتۇر روزىغا بولغان ئۆز تەزىيىلىرىنى ۋە سېغىنىش ھەم ھۆرمەتلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى باتۇر روزىنىڭ 40 نەزىرسىنى مول مەزمۇنلۇق بىر شەكىلدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشقان ئىكەن.

باتۇر روزىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە ھەم باشقا تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەرھۇمنىڭ پۈتۈن ئۆمرى جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، گەرچە ئۇ تالانتلىق بىر ئەدىب ھەم قەلەم ئىگىسى بولۇشىغا قارىماي، ئۆمۈر بويى ئىشسىز قېلىپ، قىيىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، لېكىن ئۇ قەتئىي بوشاشماي قەلەم تەۋرىتىپ، بىر رومان ۋە كۆپلىگەن شېئىرلار ھەم ئوبزورلارنى نەشىر قىلدۇرغان. بىر قىسىم يېزىپ قويغان تارىخىي رومان ھەم كىتابلىرى نەشىر قىلىنىشنى كۈتىۋېتىپتۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت