دائىرىلەر باي ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم كۆمۈر كانلىرىنى تاقىدى


2005.10.10

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باي ناھىيىسىدىكى ياتۇر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ناھىيىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 30 تونىغا يەتمەيدىغان 6 كۆمۈر كېنىنى تاقاش، 22 كۆمۈر كېنىنى تەرتىپكە سېلىشنى قارار قىلغان.

تەرتىپكە سېلىنىدىغان 22 كاننى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئېچىشقا بولىدىكەن. ياتۇر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن ئىدى.

"تەڭرى تاغ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 8 - ئۆكتەبىر كۈنى چاقىرغان جىددى يىغىندا، تاقاش قارار قىلىنغان كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. ئەمما دائىرىلەر ناھىيە تەۋەسىدىكى خەتەرلىك كانلارنى تاقاش ۋە تەرتىپكە سېلىش قارارىنى نېمە ئۈچۈن ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالمىغانلىقىنى ئىزاھلىمىغان.

بۇ ئارىدا يەكشەنبە كۈنى ياتۇر كېنىدىكى پارتلاشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كان ئاستىدىكى پارتلاش كۆمۈر توزۇندىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى كۆمۈر گېزىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.