ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسى ياتۇر يېزىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن كان پارتلاش ۋەقەسىدە، كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان 14 نەپەر ئىشچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى.
سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياتۇر يېزىسىدىكى كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان 25 نەپەر ئىشچىنىڭ 11 ئى قېچىپ قۇتۇلالىغان. 14 ئى كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان ئىدى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ۋە ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەسەتلەر چارشەنبە كۈنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغان. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى سىچۈئەن ، چۇڭچىڭ ۋە شەنشىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشچىلار ئىكەن.
ۋەقەدىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى كان پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياتۇر يېزىسىدىكى بۇ كۆمۈر كان يىلىغا 30 مىڭ توننا كۆمۈر قازىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى بىر شەخسكە كۆتىرىگە بېرىلگەن. بۇ كۆمۈر كاندا ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ ئىشلەيتتى.
ياتۇر كۆمۈر كېنىدا قامىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان بىر خادىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كان ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. (ئارزۇ)