ئۇيغۇر ئىلىدىن يەنە زور مىقداردا مىنېرال ماددىلار بايقالدى

مېتال ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ 28 - فېۋرال بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2006 يىلى خىتايدا 165 جايدا يېڭىدىن مىنېرال ماددىلار بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇلۇغچات رايونىدىن 2. 22 مىليون توننا قوغۇشۇن ۋە سىنك بايقالغان.

تىبەتتىن باش تېما قىلغان بىر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي گېئولوگىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەمئىيسى ئۇيغۇر رايونىنى كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىن ۋە غەربى تىبەت-كوكنۇر (چىڭخەي) ئېتىكىدىن 760 توننا ئېسىل سۈپەتلىك تومۇر رۇدىسى تاپقان.

ئۇيغۇر ئىلىدىن بايقالغان قىممەت باھالىق مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن كوپ. ئانا يۇرت-ئالتۇن دىيار دېگەن كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا خىتايدىن تېپىلغان كان مەھسۇلاتلىرى 148 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ 118خىلى ئۇيغۇر ئىلىدىن چىقىدىكەن.

1950 - يىللاردا خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، ئىلى ۋە قەشقەر رايونلىرىدىن بايقىغان زور مىقداردىكى ئۇران زاپىسى، ئالتاي تاغلىرىدىن بايقالغان ئالتۇن زاپاسلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدىكى 173- ۋە 134- نومۇرلۇق بىڭتۇئەن قارمىقىدىكى ئۇران ئايرىش زاۋۇتى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، خىتاي يادرو قوراللىرىنىڭ ۋە ئاتوم ئېنېرگىيە رىياكتورلىرىنىڭ خام ئەشيالىرى مۇشۇ زاۋۇتلاردا قويۇلدۇرۇلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى تاۋلىنىپ توشۇلىدىغان ئالتۇن 4. 2 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، مۆلچەرلىنىش ئۇيغۇر ئېلىدە 500 توننا ئالتۇن زاپىسى بار ئىكەن. (جۈمە)