ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى بايلىقلىرى ئۈزلۈكسىز بايقالماقتا


2007.03.29

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى كانلاردىن قېزىلغان قوغۇشۇن ۋە سىنىك مىقدارى 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، سېتىش كىرىمى 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خەۋەردە يەنە، كېلەر يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر مىليون 500 مىڭ توننا كان قېزىش كۆلىمى شەكىللىنىدىغانلىقى، سېتىش كىرىمى بىر مىليارد 500 مىليون يۈئەنگە يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەڭرىتاغ تور بېتى، كۆكتوقاي ناھىيىسىدە بايقالغان مەدەن بايلىقلىرىدىن سۆيۈنگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: "نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئەۋزەل بايلىقلىرى، غايەت زور ئېچىش ئىستىقبالىغا ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، رايونىمىزنى بايلىقلار بازىسى قىلىپ قۇرىمىز".

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەشۋىقاتلىرى ئىزچىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلار مەزكۈر زېمىندىن چىققان يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ بىر پىرسەنتىنىڭمۇ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.