ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىق ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە


2007-04-12
Share

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى ئەۋزەللىكى كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلىنىپ، خىتاي ۋە چەتئەللەرنىڭ بايلىق ئېچىش نىشانىغا ئايلانماقتا.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىرلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەت زىمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي بويىچە زاپاس مىقدارى ئېنىقلانغان 170 خىلدىن ئارتۇق رۇدا بايلىقىنىڭ 130 خىلدىن ئارتۇقى، ئۇيغۇر ئېلىدە تەپىلغانلىغى ۋە يۇقۇرى ئېچىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا، بۇ بايقىلىشلارنىڭ خىتاي ئىچى ھەمدە سىرتىدىكى 10 نەچچە چوڭ كارخانا ۋە گۇرۇھلارنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىپ، رۇدا بايلىقلىرى زاپىسىنى قىدرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشىغا ئاساس ياراتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەت زىمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تاپشۇرۇۋەلىنغان رۇدا بايلىقلىرى زاپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقى ئىلتىماسى 6 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئۆتكەنكى 5 يىلدىكى ئىلتىماس قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى بېسىپ چۈشكەن. شۇڭا خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىلما بايلىقلىرىنى قىدرىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغى، كوئىنلۇن تېغى ۋە ئالتۇن تاغ قاتارلىق جايلاردا، يېڭىدىن 13 كان بەلۋىغى تەستىكلىنىپ بېكىتىلىدىكەن. مەزكۇر بەلۋاغلاردا زنىك، تۆمۈر، مىس، كۆمۈر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە قېزىش ۋە ئېچىش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىق ئەۋزەللىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلار، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت