خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى چېنىقىش بازىسى قۇردى
2004.11.17
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېقىندا شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى چېنىقىش بازىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان.
خەۋەردە " بۇ بازىنىڭ قۇرۇلىشى، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۇ رايونىدىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قوراللىق ساقچى قىسمىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ يېزىلغان.
مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مەزكۈر ئاگېنتلىققا بىلدۈرىشىچە، بۇ بازىدا ئاساسلىقى تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە پۈتۈن قىسىمنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچىلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خىتاينىڭ ئەسلى بۇ باھانە بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەقلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇشمۇ ئىلگىرى خىتايغا، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (پەرىدە)