ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
2005.08.28
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى لۇئىس ئاربور خانىم يېقىندا خىتايغا 5 كۈنلۈك زىيارەتكە بارماقچى. خىتاي بۇ ئورگان تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە، مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلغان ھەمدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەن دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى لۇئىس ئاربور خانىم خىتايدىكى 29 -ئاۋغۇستتىن 2 - سېنتەبىرگىچە بولغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى قاتارلىق بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەمدە بىر قانچە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.
لۇئىس ئاربۇر خانىم خىتايدىكى سەپىرىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، " پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش خەلقئارا شەرتنامىسى" گە قول قويغۇزماقچى. بۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ-پىكىرلەرگە ۋاقتىدا ئەمەل قىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
لۇئىس خانىمدىن بۇرۇن ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مارى روبىنسون خانىممۇ 2002 - يىلى خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا ۋە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن ئىدى. ئۇنىڭ سەپىرى، لۇئىس خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەتلىشىشىگە ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدە قەشقەرغىچە بارماقچى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى
- خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىدى