ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
2007.07.29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28- ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي بىلەن ئۇچراشقان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ب د ت سودا-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەلىل ئەخمەد ھامدانى باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە مەبلەغ سېلىنىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارى خۇ ۋېي خامدانىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ھامدانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق "شىنجاڭنى چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە يول كۆرسىتىشنى" ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھامادانىمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلەر ۋە چېگرا ھالقىغان كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ، تۈرمىلەردە تەن جازاسى بېرىشنى تەكشۈرۈش ئورگىنى، مۇساپىرلار ئىدارىسى شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ۋە مىراسلارنى قوغداش ساھەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)