'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليون يۇەن پۇل ئاجرىتىپ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە، كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى قۇرۇپ چىققان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ 60 كىشىلىك ئەترەت ھەر قايسى ئورگانلاردىن مەجبۇرىي تاللانغان، سىرت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ھالدا ھەربىي تۈزۈمدە ئىدارە قىلىنىدىغان مۇنتىزىم پەۋقۇلئاددە قىسىم ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەترەتنى 'بىر تۇتاش تەربىيىلىنىدىغان، قورال -ياراق، ھەتتا يوتقان-كۆرپىگىچە ھەممە راسخوتى تارقىتىپ بېرىلگەن، بۇيرۇق بۇيىچە ئالدىنقى سەپكە ياكى تۆۋەنگە بېرىپ، ئۈچ خىل كىشىلەرگە زەربە بېرىدىغان ياكى خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە ياتىدىغان ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئەترەت' دەپ تەسۋىرلىگەن. (ۋەلى)