خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
2008.01.15
خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش قوشۇنىنى بۇلتۇرقى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلماقتا.
خىتاي ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ئىقتىسادى ئارقىدا ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچى ئاجىز دېيىش ئارقىلىق ، مەزكۈر رايونغا كۆپلەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەپ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە .
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى پەقەت قەشقەر رايونىدىلا 84 ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىل بىلەن تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقى تىلغا ئىلىنغان ، بىراق سۆزدە ناھايىتى چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان " نامرات رايونلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش " سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان " قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" نى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مائارىپىنى ۋە مەدەنيىتىنى يوق قىلىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىپ ، بۈگۈنكى دۇنيادا بۇنداق ئېغىر مىللىي زۇلۇمنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ، شۇڭا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئازايدى، لېكىن يەرلىك ئىلتىماسچىلار كۆپەيدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ









