خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە


2008.01.15

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش قوشۇنىنى بۇلتۇرقى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلماقتا.

خىتاي ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ئىقتىسادى ئارقىدا ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچى ئاجىز دېيىش ئارقىلىق ، مەزكۈر رايونغا كۆپلەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەپ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە .

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى پەقەت قەشقەر رايونىدىلا 84 ئوتتۇرا ‏-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىل بىلەن تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقى تىلغا ئىلىنغان ، بىراق سۆزدە ناھايىتى چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان " نامرات رايونلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش " سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان " قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" نى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مائارىپىنى ۋە مەدەنيىتىنى يوق قىلىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىپ ، بۈگۈنكى دۇنيادا بۇنداق ئېغىر مىللىي زۇلۇمنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ، شۇڭا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.