ۋاڭ لېچۈەن : ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويۇش كېرەك
2008.01.17
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن ، ئاپتونۇم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونۇم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لېچۈەن ": نۆۋەتتە ، شىنجاڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرىۋاتىدۇ، ھازىرقى جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە- ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردىن ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش" قوش تىل" مائارىپى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈش كېرەك" دېگەن .
بىراق ، ۋاڭلېچۈەن تىلغا ئالغان " قوش تىل " مائارىپىنىڭ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خىتاي تىلىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش بولماستىن، بەلكى خىتاي بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرىنى نوقۇل ھالدا خىتاي تىلى مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش مەقسىتىنىڭ، نۇرغۇن سىياسىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ": «قوش تىل » دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە ئىككى تىلنى تەڭ يولغا قويۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ۋاڭ لېچۈەن تەكىتلەۋاتقان قوش تىل ، يالغۇز خىتاي تىلى بولۇپ، بۇ چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايچە سۆزلەيدىغان جوڭخۇا مىللىتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت"
ۋاڭ لېچۈەن يەنە، سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەڭ قاتتىق نارازلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقىنى ئېچىش مەسىلىسىنى تەكىتلەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ گۇرۇھلارنى شىنجاڭنى ئېچىشقا جەلپ قىلىش، بايلىقلارنى ئېچىش كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى"قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئازايدى، لېكىن يەرلىك ئىلتىماسچىلار كۆپەيدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە









