بىڭتۈئەن قومداندانى، بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى


2004-10-08
Share

خىتاينىڭ يېرىم ھەربى قوراللىق تەشكىلاتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنىنىڭ قوماندانى جاڭ چىڭلى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، رايۇندىكى بۇزغۇنچىلىق ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىگىنى ئىلگىرى سۈردى. جاڭ چىڭلى بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئىشلەپچىقىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنى 50 يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى كونترول قىلىش غەرىزى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە جاڭ چىڭلى، بىڭتۇئەن ئاجىزلاشتۇرۇلماسلىغى كېرەك دەپ قارىغان. ئۇ، بىڭتۇئەننى يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغدايدىغان تايانچ كۈچ سۈپىتىدە كېڭەيتىش زۆرۈر دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندا بىڭتۇئەننىڭ يۇقىرىقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىڭتۇئەننىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى 2 يېرىم مىليون بولۇپ، 186 پولك 1500 دەك سانائەت، قۇرۇلۇش ترانسىپورت ۋە سودا ئورگىنىدىن تەركىپ تاپقان. جاڭ چىڭلى، بىڭتۇئەننىڭ “ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى “ بىلەن بولغان يېقىنقى كۈرەشلەردە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىڭتۇئەننى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، يەر بايلىقى ۋە مال مۈلكىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ئورگان دەپ تەنقىدلىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن. بىڭتۇئەن 1975 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى. بىراق 1981 - يىلى دېڭ شياۋپىڭ، ۋاڭجېن قاتارلىقنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىسىدا قايتا قۇرۇلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت