قۇربان ئەرشىدىن بىڭتۇئەننى قوراللىق كۆرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى


2004.10.15

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېرىم ھەربىي خىتاي قوراللىق تەشكىلاتى شنجاڭ ئىشلەپچىقىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قۇربان ئەرشىدىن، بىڭتۇئەن دائىرىرىلىرىنى بىڭتۇئەندىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېرورچىلىققا قارشى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەربىي كۈرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ بىڭتۇئەندىكى قوراللىق كۈچلەرنى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە ۋە تېرورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىۋاتىدۇ، دەپ تەرىپلىگەن. قۇربان ئەرشىدىن بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان خىتاي بويىچە مەملىكەتلىك خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي تەلىم- تەربىيە يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ئۇچرىشىشىدا تەكىتلىگەن. قۇربان ئەرشىدىن يەنە بىڭتۇئەندىكى ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى ئىزچىل مەركىزى ئورۇنغا قويۇش كىرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنى 1975 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى. بىراق 1981 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ، ۋاڭ جېن قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى قاتتىق قول ئەمەلدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە قايتا قۇرۇلغان. يېقىندا بىڭتۇئەن قوماندانى جاڭ چىڭلى، بىڭتۇئەننىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن بولغان يېقىنقى كۈرەشلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندا بىڭتۇئەن يۇقىرىقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۈچەيتىلىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى تېرورچىلىق بىلەن ئەيىپلىمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن تەنقىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.