بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 11 مىڭ يۈئەندىن ئاشتى، ئامما ئۇيغۇرلارنىڭچۇ ؟


2005.01.03

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى يېرىم ھەربىي تەشكىلاتى، شىنجاڭ بىڭتۈەنىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىقى كىرىمى 11 مىڭ 780 يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىمى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن.

ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ زۇۋانى "شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىڭتۈەن قوماندانى جاڭ چىڭلى، "بۇ بىڭتۈەننىڭ دەرۋازىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى"، دەپ جاكارلىغان. "شىنجاڭ گېزىتى" ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە بىڭتۈەنگە كىرگەن تاشقىي مەبلەغنىڭ ئىككى مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، بىڭتۈەننىڭ 2004 - يىلى كۆچمەس مۈلككە سالغان مەبلىغى، 10 مىليارد يۈئەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن ، ئاقسۇ، قىزىلسۇلاردا ئۇيغۇر دىھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 1000 يۈئەنگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ كىرىمى يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دىھقانلاردىن 12 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ نېمە تېرىيدىغانلىقى شۇنداقلا مەھسۇلاتىنى كىمگە ساتىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىمەكتە.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، بۇ يىل 8 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، بىڭتۈەننى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قوللىغان. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى باستۇرۇش يولىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، بىڭتۈەننىڭ كۈچەيتىش سەۋەپلىرىنىڭ بىرى" ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بىڭتۈەن 1954 - يىلى قۇرۇلغان، 1970 - يىللارنى ئوتتۇرىلىرى سەيپىدىن ئەزىز تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن .خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 - يىللاردا بىڭتۈەننى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.