بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان


2007.01.31

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىر ھەربىي ئورگان، ئۇ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆزلۈكسىز يەر ئىگىلەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەن ئەكىلىپ كېڭىيىپ، ھازىر مالىيە، سانائەت، قانۇن جەھەتلەردە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر ئورگانغا ئايلىنىپ بولدى. گەرچە بۇ ئورگان قانۇنى ئۇقۇم بۇيىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارايدىغان ئورگان بولمىسىمۇ ياكى ئاپتونوم رايونغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگان بولمىسىمۇ، ئەمما، 'بىڭتۇەن گېزىتى'دىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا بىڭتۇەن پارتكومى يىغىن ئېچىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 ‏-قۇرۇلتيىغا قاتنىشىدىغان 16 نەپەر ۋەكىلىنى بەلگىلەپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن قورۇلتايغا قاتنىشىدۇ، دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.