خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنگە 34 مىليون يۈەن پەن- تېخنىكا مەبلىغى بەردى
2007.03.11
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە بولغان قوللاشتىن بارغانسىرى كۆپەيتمەكتە. خىتاي دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 61 تېخنىكا پىلانى قوللاپ، 34 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر پىلان لايىھە سوممىسىغا پەن -تېخنىكا ئارقىلىق بېيىتىش، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنى پەن-تېخنىكا سوممىسى بىلەن تەمىنلەش شۇنىڭدەك شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئاكادېمىيىسىنىڭ" 863" نومۇرلۇق پىلانى ۋە قۇملۇق،قۇرغاق رايونلاردىكى سۇنى تېجەش، يېزا ئىگىلىك پەن -تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك لايىھىلىرى كىرىدىكەن.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى كۆپ جەھەتلەردە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى، ياردىمى ھەمدە پايدىلىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىكى ۋە ئىچكى -تاشقى سودا قىلىش ھوقۇقى بار. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەتئەللەرگە ئېچىلغان ئېغىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىڭتۈەننىڭ قارمىغىدا بولۇپ، بۇ بىڭتۈەننىڭ سودا ئىشلىرىغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا بىڭتۈەننىڭ كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي مەنبەلىرىدە ئىككى يېرىم مىليون نوپۇسقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان بىڭتۈەننىڭ يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىدىغان قوراللىق قوشۇنلۇق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى زورايماقتا
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى
- خىتاي بۇ يىل جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى
- بىڭتۇەننىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭايماقتا









