بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ چېگرا ياقىلاپ چارلاش ئېلىپ بارماقتا
2008.01.21
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدە تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ بىڭتۇەن ھۆكۈمىتى ھازىر خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ چېگرا ياقىلاپ چارلاش ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىر سۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە ، تارباغاتاي تاغ باغرىغا جايلاشقان بىڭتۇەننىڭ 9- دىۋىزىيىسىنىڭ 3 پولكى خىتاينىڭ چېگرا قوغداش قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ ، ھازىر بۇلار خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ چېگرا ياقىلاپ چارلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
165- مەيدان قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چى شاۋسۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا پىششىپ بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ مەخپىي ھالدا چېگرا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئالدىنقى سەپكە بۇيرۇق چۈشۈرۈلسە بۇ خەلق ئەسكەرلىرى دەرھال "ئۇرۇش ھالىتىگە" ئۆتەلەيدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، "چېگرىنى قوغداش" بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئەمما يېقىن يىللاردىن بۇيان ئۇلار خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىن بۇيان بىڭتۇەنلىك خەلق ئەسكەرلىرىدە "كۈلپەت چېكىش روھى" يوقىلىپ ھەربى مەشىق قىلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەزكۇر دىۋىزىيە ھەربىي باشقارمىسى چېگرا قوغداش ئەترىتىنى تەڭشەپ مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى 2 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، 1949 - يىلىدىن بۇيان ئۇلار ئۇيغۇر ئىلىدە تەدرىجى كېڭىيىپ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇب شىمالىغا 14 دىۋىزىيە 244 پولك قۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئىلى بوستانلىقىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنگە 34 مىليون يۈەن پەن- تېخنىكا مەبلىغى بەردى
- بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى زورايماقتا
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى
- خىتاي بۇ يىل جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى
- بىڭتۇەننىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭايماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر سۇ ئامبىرىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن 150 توننا بېلىق ئۆلگەن









