ئۈرۈمچىدە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەلىپى بۇيىچە قوراللىق بىڭتۇەن تەربىيلەيدىغان چوڭ بىنا سېلىنىشقا باشلىغان
2008.01.23
ئۈرۈمچىدىكى ۋۇجاچۈي دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي مەھەللىسىدە، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەلىپى بۇيىچە قوراللىق بىڭتۇەن تەربىيىلەيدىغان بىر قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغان ۋە بۇ ئورگان ئۈچۈن چوڭ بىنا سېلىنىشقا باشلىغان. بۇ چوڭ بىنانىڭ نامى 'ئېكولوگىيىلىك ھەربىي گازارما' دەپ ئاتىلىدىكەن. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاشكارىلىنىشىچە، 'ئېكولوگىيىلىك ھەربىي گازارما' دا تۇرىدىغان قوماندانلىق شىتابى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ قوراللىق بىڭتۇەن تەربىيىلەيدىغان، مەشىق قىلدۇرىدىغان بازىرىسى ئۈچۈن بىنا سېلىش مۇراسىمى 20 - چىسلا ئېچىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ ئورگاننىڭ قوراللىق بىڭتۇەنىنى مەشق قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر بار.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە قوراللىق بىڭتۇەن تەربىيىلەيدىغان بۇ ئورگاننى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ساھەدىن يېتەرلىك مەبلەغ توپلىنىپ بولغان. بۇ ھەربىي گازارما بىناسى پۈتۈنلەي 'يېشىل رايون' ۋە 'ئېكولوگىىيىلىك رايون' ئۆلچىمى بۇيىچە، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن پۇقتا، ئەتراپتىكى ھەر خىل مەنزىرىلەر بىناغا ماسلاشقان، بىنا ئىچىدە تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئىشىك ۋە ئۆتۈشمىلەر كۆپ، ئىسسىنىش سېستىمىسى زامانىۋىي بولغان ھەربى قىسىم تەربىيلەش بىناسى قىلىپ سېلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ چېگرا ياقىلاپ چارلاش ئېلىپ بارماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنگە 34 مىليون يۈەن پەن- تېخنىكا مەبلىغى بەردى
- بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى زورايماقتا
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى
- خىتاي بۇ يىل جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى
- بىڭتۇەننىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭايماقتا









