ئىككىنچى نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلى ماھىرلىرىدىن نىجات، ئەكرەم، ئابدۇراخمان، مەمەت تۇرسۇنلار رىقابەتچىلىرىنى يەڭدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۈر مۇسابىقىگە خىتاي، موڭغۇلىيە، رۇسىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتىن 15 كاماندىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
26 - سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىلگەن تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ماھىرى نىجات، 91 كىلولىقلاردىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، شەنشىلىك بۇكسچى بىيېنى، ئەكرەم 64 كىلولۇقلار بويىچە موڭغۇلىيە بوكس ماھىرى نۇيامۇنى، مەمەت تۇرسۇن 60 كىلولۇقلار بويىچە ۋېتنام ماھىرى گۇەندېنى يەڭگەن.
يېڭىلا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئابدۇراخمان، گۇاڭدوڭ كاماندىسىنىڭ بوكسچىسى جۇ يافېڭ بىلەن كۈچ ئېلىشىپ، 20 دە 12 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلگەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئالتۇن لوڭقىسىنى تالىشىش تۈرى، 30 - سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.(ئەقىدە)