ئۆسمۈر بوكسچىلار ئاسىيا ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشتى
2004.11.26
مەمەت تۇرسۇن چوڭ ، خالىجان ئىمىنجان، ئابدۇنەبىي ئابلەت، ئابدۇرېشىد تۇراخۇن قاتارلىق ئۆسمۈر بوكىسچىلار، يېقىندا ۋېيتنام پايتەختى خانۇيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ، 60 ۋە 75 كىلوگراملىقلار بويىچە 2 -، 3 - لىككە، 48 ۋە 54 كىلوگراملىقلار بويىچە 5 لىككە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ تۇنجى قېتىم قاتناشقان خەلقئارا مۇسابىقىدا رەقىبىنى يېڭىپ، كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىشى ئۇيغۇر بوكسچىلىقىنىڭ پارلاق يوشۇرۇن كۈچكە ئىگىلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ، دەپ قارالغان.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئاسىيدىكى 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 105 نەپەر ئۆسمۈر ئىشتىراك قىلغان ئىدى. " شىنجاڭ تەڭرى تاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆسمۈر بوكسچىلار قەشقەر، ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىغا تاللانغان. ئۇلار ئاسىيا ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا خىتايغا ۋاكالەتەن قاتناشتى.
بوكسچىلارنىڭ ئىچىدىكى مەمەت تۇرسۇن چوڭ ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىغا قېلىپ، 2008 -يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىدىكەن.(ئەركىن)