ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوكس ماھىرلىرى قازاقىستاندا ئىككى ئايلىق مەشىققە قاتناشماقچى


2004.12.21

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوكس كوماندىسى، خىتاينىڭ كېلەر يىللىق بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، قازاقىستاندا ئىككى ئايلىق مەشىق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىققان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر كوماندىنىڭ ئاساسلىق ماھىرلىرى، باش تېرىنىر ئابلىكىم ئابدۇرېشىت، تېرىنىر ئابدۇشۇكۈر مېجىتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قازاقىستاندا ئىككى ئايلىق مەشىق ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە، بۇ قېتىمقى قازاقىستاندىكى مەشىق ۋە مۇسابىقىگە ئابلىكىم ۋە ئابدۇشۇكۇرنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئابدۇراخمان ئابلىكىم، قانات ئىسلام، ئەكرەم ئىسھاق، ئەكرەم بارات، ئابدۇرۇسۇل روزى، تەلىۋقان قاتارلىق ماھىرلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بوكس تەنھەركىتى، كۈچ ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسابىقىلەردە ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇسابىقلىرىدە ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇر ۋە قازاق ماھىرلار ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

قازاقىستان بوكس تەنھەرىكىتىدە دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيىدە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەشىقتە ئۇيغۇر ئېلى ماھىرلىرى تاكتىكا ۋە مۇسابىقە تەجىربىسىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن مېدال ئىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىشى مۇمكىن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.