خىتاي غۇلجا شەھىرىدە "بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش ۋەقەلىرى"دىن بىر قانچىنى پاش قىلغان

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا غۇلجىدىكى خىتاي ج خ دائىرىلىرى مەزكۇر شەھەردە ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش دېلوسىدىن 6 نى، دىنىي سورۇندىن پايدىلىنىپ "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش" دېلوسىدىن 3 نى، بىر "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت" سورۇنى ۋە بىر "غازاتچىلار"نى تەربىيىلەش كۇرسىنى پاش قىلىپ، 45 ئادەمنى قولغا ئالغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.18

  خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئىلى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك " تازىلاش" ھەرىكىتى قوزغاپ، بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە يېزىلاردا ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارماقتا ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، دائىرىلەر يەنە 5700 پارچىدىن ئارتۇق ئاتالمىش "ئەكسىلئىنقىلابىي" مەزمۇندىكى كىتابچە ۋە مەتبۇئات بۇيۇملىرىنى يىغىۋالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى، ۋەقەنىڭ غۇلجىدىكى قايسى مەھەللىلەردە يۈز بەرگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ياكى قىلغانلىقىغا دائىر كونكرېت ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىدى شۇنداقلا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. لېكىن غۇلجىدىكى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى پەيشەنبە كۈنى غۇلجىدا "مەركەزلىك تازىلاش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ھەرىكەتنىڭ توغراق يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى، ئۈچ دەرۋازا ئاھالىلار رايونىنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنى " شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"نىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينى بىخەتەرلىك ۋە تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.