"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى ئۇيغۇر ئىلىدا تەدبىقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2005.04.01
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى خو چاڭئەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن سېپىدىكى زاتلار بىلەن ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە چاقىردى.
خو چاڭئەن، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قانۇن بىلەن قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش"، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە،" دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداشدا، مۇھىم رىئال ئەھمىيىتى بار ئىكەن.
ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ زۇۋانى "شىنجاڭ گېزىتى" ، خو چاڭئەننىڭ قانۇن دائىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەر، دىنىي رادىكال كۈچلەر شۇنداقلا تېرورچىلارغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا ماقۇللانغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئامما خو چاڭئەن، مەزكۇر قانۇننى "شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش" كە چاقىرغان.
خو چاڭئەننىڭ چاقىرىقى مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشاد رىشىد، "شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە، بۆلۈنۈش ياكى بىرلىككە كېلىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ، مۇستەملىكە قىلىش بىلەن مۇستەملىكە قىلىنىش مەسىلىسى،" دەپ كۆرسەتتى. دىلشاد رىشىد، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرماقتا، دەپ ئەيىپلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارنىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن" لايىھىسىگە بولغان ئىنكاسلىرى
- خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- خىتاي، تەيۋەننى جىددىي ۋەزىيەت ياراتتى دەپ ئەيىپلىدى
- تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي سودىسىنى ماقۇللىدى
- "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ياۋروپانىڭ ئىمبارگونى قالدۇرۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن