خىتاي ئىلى ۋادىسىنى پۈتۈن خىتاي بويىچە بوز يەر ئاچىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتتى


2006.03.02

ئىلى ۋادىسى، خىتاي بويىچە 6 نۇقتىلىق بوز يەر ئېچىش رايونىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2 ‏- مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر پىلان بويىچە ئىلى ۋادىسىدىكى 7 ناھىيە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك 4 ‏- دېۋىزىيىسىنىڭ مەيدانلىرى بوز يەر ئېچىش رايونلىرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 109 مىليون 650 مىڭ مو يەر قايتا ئېچىلىدىكەن.

بۇ پىلان، خىتاينىڭ دۆلەتلىك يەر ۋە بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئىلى ۋادىسىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشى، بۇ دىياردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن كۆپەيتىش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىشىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتى دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئۇلار يەنە، 1949 ‏- يىلىدىن بېرى، خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بېرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن پولكلىرى ئىلى دەرياسى بويىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنى ئىگىلەپ ، ئوتلاق ۋە ئورمانلارنى بۇزۇپ، بوز يەر ئېچىپ، بۇ جايدىكى يەرلىك ئۇيغۇر ، قازاق خەلقىنىڭ ئىقتىسادىغا زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپلا قالماستىن ، گۈزەل ئىلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بوزغۇنچىلىققا ئۆچراتتى دەپ تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.