ئۈرۈمچىدە ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش چەكلەندى


2007.01.21

ئۈرۈمچى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي بويىچە ھاۋا مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى سانىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ يىل قىش پەسلى كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ھاۋا مۇھىتى بۇلغىنىش دەرىجىسى بەشىنچى دەرىجىنى كۆرسىتىپ خىتاي بويىچە ھاۋا مۇھىتى ئەڭ ناچار شەھەر بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ 21 - يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ كۆپلۈكى بولغاچقا، ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىگە ئىگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىشنى رەسمىي چەكلەشنى قارار قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا ئارقىدىن سېلىنىۋاتقان ھەددىدىن زىيادە ئىگىز ئىمارەتلەر ئۈرۈمچىنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇنچە ياخشى بولمىغان ھاۋا مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئىمارەت قۇرۇشنى چەكلەش خېلى يىللار بۇرۇنلا ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىر ئىكەن.

ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان ئىگىز ئىمارەتلەر سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئىگىز ئائىلىلىك بىنالىرى ياكى ئىدارە ئورگان ئىمارەت بىنالىرىنى ئاساسلىق خىتايلار ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ ئىگىز ئىمارەتلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە بۇلار نۇرغۇن مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.