ئۇيغۇر ئېلىدە فوتو- سۆرەت يۇيۇشتىن چىققان زەھەرلىك سۇيۇقلۇق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە
2004.12.23
ئۇيغۇر ئېلىدە فوتو-سۆرەت يۇيۇشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىك سۇيۇقلۇقلار ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاچقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىغا، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەچچە مىڭدىن ئارتۇق فوتو-سۈرەت يۇيۇش دۇكانلىرى ھەر يىلى 11 توننىدىن ئارتۇق تەركىبىدە يۇقىرى دەرىجىلىك زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بار كېرەكسىز سۇيۇقلۇق چىقىرىدىكەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىرمۇ مەخسۇس ئورگان يوق بۇلۇپ، زەھەرلىك سۇيۇقلۇقلار تۇرمۇشتىن چىققان كېرەكسىز سۇلار بىلەن بىرلىكتە يەر ئاستى تۇرۇبا يولىغا قويۇپ بېرىلىدىكەن. نەتىجىدە مۇھىت ۋە يەر ئاستى سۇلىرى ئاستا- ئاستا بۇلغانغان.
بىر قىسىم مۇتەخەسسسىلەر، فوتو- سۆرەت يۇيۇشتىن چىقىدىغان كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچىدە ئېغىر مىتاللار ۋە يۇقىرى دەرىجىدە زەھەرلىك ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل خىمىيىۋىي ماددىلار تۇپراقتا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ تۇرسا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەۋب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋا تۆگىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزۇلماقتا
- تېتىما كۆلىنى قۇم بېسىپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقسادىي زىيان 20 مىليون يۇئەنگە يەتتى
- ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىكى زەيلىك قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىمەكتە
- رۇدىلاشقان تارىم سۈيى ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا تەھدىت بولماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك يەر- مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا