ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانا، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن بولۇپ 76 ئورۇننىڭ تەجرىبىخانىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ تەجرىبىخانىلارنىڭ كېرەكسىز گاز ۋە سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشى پۈتۈنلەي لاياقەتسىز ئىكەن.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەجرىبىخانىلاردا كېرەكسىز گاز ۋە بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھەلەر يوق بولۇپ، تەجرىبە جەريانىدا كېلىپ چىققان بارلىق بۇلغانغان گازلار بىۋاستە ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىكەن ھەمدە بۇلغانغان زەھەرلىك سۇلارمۇ ئادەتتىكى كېرەكسىز سۇ تۇرۇبىلىرىغا قۇيۇلىدىكەن.
تەجرىبىخانىلاردىن چىققان كېرەكسىز گاز ۋە سۇلار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان بولۇپ، كېرەكسىز سۇ تۇرۇبىلىرىغا قويۇپ بېرىلگەن سۇلار قايتا تازىلىنىپ، يەنىلا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ بۇلغانغان تەركىپلەر كىشىلەر بەدىنىگە كىرىدىكەن.
سەھىيە ئۆلچىمى بويىچە، تەجرىبىخانىلاردىن چىققان زەھەرلىك گاز ۋە سۇلار ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھاۋاغا ياكى ئادەتتىكى كېرەكسىز سۇ تۇرۇبىلىرىغا قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە فوتو- سۆرەت يۇيۇشتىن چىققان زەھەرلىك سۇيۇقلۇق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋا تۆگىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزۇلماقتا
- تېتىما كۆلىنى قۇم بېسىپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقسادىي زىيان 20 مىليون يۇئەنگە يەتتى
- رۇدىلاشقان تارىم سۈيى ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا تەھدىت بولماقتا