خىتايدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر
2005.03.23
3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى دۇنيا سۇ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي دائىرىلىرى پۈتۈن خىتايدا 300 مىليون كىشىنىڭ پاكىز بولمىغان سۇ ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇاڭخۇەي تۈزلەڭلىكى شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى 63 مىليون دېھقان ئىستىمال قىلىۋاتقان سۇنىڭ تەركىۋىدىكى فتور ئېلېمىنتى ئۆلچەمدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 38 مىليوندىن ئوشۇق يېزا ئاھالىسى ھازىرغىچە شورلۇق سۇ ئىچىدىكەن، شۇنداقلا 190 مىليوندىن كۆپ يېزا ئاھالىسى ئىستىمال قىلىۋاتقان سۇ مەلۇم دەرىجىدە بۇلغانغان ئىكەن.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ 40٪ ئى يەنى 5 مىليونغا يېقىن دېھقان بۇلغانغان سۇ ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە سۇنىڭ بۇلغىنىشىدىن سىرت يەنە، سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىمۇ نۆۋەتتىكى بىر ئېغىر مەسىلە بولماقتا. سۇ ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر كۈندە يېتىشمەيۋاتقان سۇنىڭ مىقدارى 200 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليونغا يېقىن ئادەم پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالمايدىكەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇھىت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
- ئۈرۈمچىدە سۇ يېتىشمەسلىك كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىدىكى جىددى مەسىلە بولۇپ قالدى
- تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى خىتاينىڭ بىڭتۇەن ئېتىزلىقلىرىغا ئىشلىتىلمەكتە
- باغراش كۆلىدىكى يەرلىك بېلىقلار يوقۇلۇشقا يۈزلەنمەكتە